يۇرتۇم ماڭا زۇلۇم قىلغان تەقدىردىمۇ سۆيۈملۈكتۇر، خەلقىم ماڭا بىخىللىق قىلغان تەقدىردىمۇ سېخىدۇر! ---- ئابدۇقادىر داموللام 

    2011-08-13

    گېرمانىيەدە ئوقۇشقا ئائىت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى - [چەتئەلدە ئوقۇش]

    DAAD/UCA پروگىراممىسى (UCA= مەركىزى ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتى)

    مەقسەت:
    گېرمانىيە ئىلمى خادىملار ئالماشتۇرۇش مۇلازمىتى ئورگىنى(DAAD) بىلەن مەركىزى ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىشىپ، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان ھەم شۇنداقلا ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، ئافغانىستان، پاكىستاننىڭ شىمالى رايونى(پەقەت گىلگىت-بالتىستاند ۋە مالاكاند رايونى) ۋە غەربى جۇڭگۇ (پەقەتلا شىنجاڭ) غا ئوخشاش مەركىزى ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتى نىشان رايونىدىن كەلگەنلەر ئۈچۈن ماگىسىتىرلىقتا ھەم دوكتۇرلۇقتا ئۈچۈن ئوقۇش مۇكاپاتى تەسىس قىلدى. ئوقۇش مۇكاپات پۇلى DAAD ۋە UCA تەرىپىدىن گېرمانىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى ماگىستىر ۋە دوكتۇرلۇق ئوقۇشلارغا بىرىلىدۇ.

    مەزگىل
    قائىدە بويىچە، بۇ ئوقۇش مۇكاپات ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ماگىستىر ئوقۇش ئۈچۈن ئىككى يىل، دوكتۇرلۇق ئوقۇش ئۈچۈن 3 يىل بىرىلىدۇ. گېرمانىيەدىكى ئوقۇش پۈتكەندىن كىيىن، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار UCA دە ئەڭ ئاز دىگەندە 5 يىل تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىشى كىرەك.

    قىممىتى
    مۇكاپات سوممىسى:
    1.ماگىستىرلار ئۈچۈن ئىيىغا 750 ياۋرۇ (بۇ پۇل بىر ئادەمگە يىتىپ ھەم ئىشىپ قالىدۇ--تەرجىماندىن)
    دوكتۇرلۇق ئوقۇش ئۈچۈن 1000 ياۋرۇ (ئىككى ئادەمنىڭ چىقىمىغىمۇ يىتىدۇ---تەرجىماندىن)
    2.قاتناش كىراسى، ھەم تىل ئۈگىنىش كۇرىسلىرىنىڭ ھەققى(نىمىس تىلى كۇرىسلىرىنى كۆزدە تۇتقان بولۇشى مۇمكىن، ئادەتتە ئىختىيارى بولىدۇ---تەرجىماندىن)
    3.دوكتۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتقىقات ساھاسىدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ خىراجىتى (خەلىقارالىق كەسپى يىغىنلارغا قاتنىشىش دىگەندەك)
    4.ئائىلىسى بارلارنىڭ جۆرىسى ھەم پەرزەنتلىرى ئۈچۈن تولۇقلىما
    5.گىرمانىيەدىكى ئوقۇشى باشلىنىشتىن بۇرۇن مۇكاپاتقا ئىرىشكۈچىلەرگە تەييارلىق لىكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ

    تەلەپلەر
    1.كىيىن UCA دە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا بولغان قىزىقىش
    2.بۇ پروگىرامما پەقەت تۆۋەندىكى كەسىپلەردە ئوقۇغانلارغا بىرىلىدۇ: بىئولوگىيە، خىمىيە، بىئو-خىمىيە، قوللىنىشچان فىزىكا، گىئولوگىيە، قوللىنىشچان ماتېماتېكا، كومپيۇتېر ئىلىمى/ئۇچۇر ئىلمى، ئىنژىنىرلىق (مۇھىت تىخنىكىسى، مۇرەككەپ سىستىمىلار ئانالىزى ۋە قۇرۇلىمىسى)، مۇھىت ئىلمى، يەر-شارى ئىلمى ۋە بايلىق باشقۇرۇش(؟).
    3.ماگىستىرلار ئۈچۈن چوقۇم باكلاۋىرلىق ئالغان ئۈنۋانى بولۇشى كىرەك.
    4. دوكتۇرلۇق ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغۇچىلار چوقۇم ماگىستىرلىق ئۈنۋانى بولۇشى كىرەك. ئىلتىماس قىلغۇچىلار ھەم ئۆزلىرىنىڭ گىرمانىيەلىك ئوقۇتقۇچىسى بىلەن ئالاقىلشكەن ئىسپاتىنى كۆرسىتىشى لازىم. گېرمانىيەدىكى يۇقرىدىكى تىلغا ئىلىنغان ساھەلەردىكى مۇقىم دوكتۇرلۇق پروگىراممىلىرى ھەم قارشى ئىلىنىدۇ.
    5. ئىلتىماس قىلغۇچى تۇرغان دۆلەتتىكى DAAD-IC ئىشخانىسىدىكىلەر بىلەن بولغان كۆرۈشمە (ھىسابتا يۈز-تۇرانە ئىمتىھان دىگەندەك)

    ئىلتىماس قىلىش:
    نەزەرىيە جەھەتتىن: ماگىستىر(ئا) ۋە دوكتۇرلۇققا (ب) ئىلتىماس قىلغۇچىلار DAAD ئىلتىماس ئانكىتى (قەغىزى) "ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئىلتىماس قىلىش" تا ئادەتتە تەلەپ قىلىدىغان ھۆججەتلەر:
    تەرجىمھال، تەتقىقات پىلانى ياكى ئوقۇش مۇددىئاسى، بىر دانە يەرلىك پروفىسسورنىڭ ياكى يىتەكچىسىنىڭ تەۋسىيە خىتى(ماگىستىرلار ئۈچۈن) ياكى ئىككى پارچە تەۋسىيە خىتى(دوكتۇرلار ئۈچۈن)، ئوتتۇرا مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئىسپاتى، باكلاۋىرلىق، ماگىستىرلىق دىپلوملار، ئەگەر تۆتىنچى يىلىدا ئوقۇۋاتقان، پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ئوقۇغۇچى بولسا ئىسپات قىلىنغان ئوقۇش نەتىجە قەغىزى. ماگىستىرلىققا ئىلتىماس قىلغۇچىلار، ئۆزى ئىلتىماس قىلماقچى بولغان ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تور پروگىراممىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى (پروگىرمما ئىسمى، ئوقۇتۇش پىلانى، ھەم داۋام قىلىش ۋاقتى، ئوقتۇش تىلى، تەلىپى ۋە ئوقۇش ھەققى قاتارلىق ئۇچۇرلار) بىللە ئەۋەتىشى زۆرۈر؛ دوكتۇرلۇققا ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۆزىنى قوبۇل قىلماقچى بولغان گېرمان پروفىسسورىنىڭ قوبۇل قىلىش خىتى ياكى دوكتۇرلۇققا قوبۇل قىلىنىش ئۇقتۇرۇشى ۋە ۋاقىت ھەم خىزمەت(دوكتۇرلۇقتىكى تەتقىقاتىنى كۆرسىتىدۇ) پىلانىنى كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىنگىلىز ۋە/ياكى نىمىس تىلىدىكى ئىقتىدارى ئىسپاتى تەلەپ قىلىنىدۇ.
    2. گۇۋاھنامىلەرنىڭ كۆچۈرۈلمە نۇسخىسى چوقۇم تەرجىمە قىلىنغان ھەم ئىسپات قىلىنغان (公证) بولۇنۇشى كېرەك. سالامەتلىك ئەھۋالى (سالامەتلىك ئىستراخۇئانىيەسنى دىمەكچى بولۇشى مۇمكىن-تەرجىماندىن) ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندىن كىيىن كۆرسەتسىمۇ بولىدۇ.
    3. يۇقۇردا ئىيتىلغان توشتۇرۇشقا تىگىشلىك ئانكىت/ھۆججەتنى توردىن (DAAD) ياكى DAAD-IC ئىشخانىسىدىن ئالسا بولىدۇ.
    4. ئىلتىماس ھۆججەتلىرى شۇ كىشى تۇرغان دۆلەتتىكى مۇناسۋەتلىك DAAD_IC ئىشخانىسىغا تاپشۇرۇلۇشى كېرەك.

    دۆلەت-رايونغا تاقىلىدىغان ئۇچۇرلار، تىزىملاش ۋاقىت چەكلىرى، ئىلتىماس ئادرىسى ۋە مەسلىھەت ئورۇنلىرى
    1. DAAD نىڭ تور بىتىدىكى www.daad.de/stipendien  قىسىمدىن ئۆزىڭىز تۇرۋاتقان دۆلەتتىكى ئىلتىماس قىلغۇچىلار ۋە قەيەرگە ئەۋەتىش ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا قاراڭ.
    2. تولۇق ئىلتىماس (ھەممە ھۆججەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) مۇشۇ يىل 11-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن قازاقىستان، قىرغىزىستان ياكى تاجىكىستاندىكى IC-ئىشخانىسىغا DAAD/UCA-ئوقۇش مۇكاپاتى پروگىراممىسى نامىدا يوللىنىشى كىرەك.
    3. بۇ پروگىرامما ھەققىدە مەسلىھەت ھەم ئۇچۇرلار، گېرمانىيەدە ئوقۇش، گېرمانىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش قا ئائىت ئۇچۇرلارنى DAAD-IC ئىشخانىسىدىن ھەم رايونلۇق UCA ۋەكىلىدىن ئۇقۇشالايسىز.
     
    ئۇچۇر ۋە ئىلتىماس قىلىش ئادرىسلىرى:
    قازاقىستان:
    DAAD-Informationszentrum Bischkek
    Deutsch-Französisches Zentrum
    Ul. Isanova 143/1
    720000 Bischkek
    Telefon: 00996-312 32 39 41
    E-Mail: info@daad.kg

    تاجىكىستان
    DAAD-Informationszentrum Duschanbe
    Ul. Sovetskaya 107
    734001 Duschanbe
    Telefon: 00992-372 246301
    E-Mail: info@daad.tj

    تۈركمەنىستان
    Herr Lars Jendreizik (bis 31.08.2011)
    E-Mail: larsjendreizik@yahoo.de

    ئۆزبېكىستان
    DAAD-Informationszentrum Taschkent
    Abdulaev Ko´chasi 2 a Jakossoroj Tumani
    100100 Taschkent
    Tel: 00998 71-1400483 / 84
    E-Mail: info@daad.uz

    ئافغانىستان
    N.N.
    Liaison Office Kabul
    Ministry of Higher Education
    Kabul
    Telefon: 0093-79 42 79 895
    E-Mail: daad.kabul@gmx.de

    جۇڭگۇ
    DAAD Branch Office Peking
    Deutscher Akademischer Austauschdienst
    Unit 1718, Landmark Tower 2
    8 North Dongsanhuan Road
    Chaoyang District
    100004 Peking
    Tel.: (0086 10) 6590-6656,-6676
    E-Mail: postmaster@daad.org.cn

    پاكىستان
    DAAD Information Centre Islamabad
    (personal visits only after prior appointment)
    F-7/4, Street 55, House 23
    Islamabad
    E-Mail: saarbeck@daad.de

    • دىكى مەسئۇل خادىم  DAAD:
      Mr. Michael Adlung
      Section/Referat 326
      Kennedyallee 50
      D-53175 Bonn
      E-Mail: adlung@daad.de
      Tel: +49-228-882-386
    • دىكى مەسئۇل خادىم UCA:
      Mr. Urmat Tynaliev
      E-Mail: urmat.tynaliev@ucentralasia.org




    دىققەت: بىز ھەممە ئۇچۇرلارنى جەملەپ قويدۇق، تىخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى تور بىتىمىزدىكى "(ئىلتىماس قىلغۇچى تۇرۇشلۇق)دۆلەتكە ئالاقىدار ئۇچۇرلارCountry specific information " دىگەن بەتتىن كۆرۋالغايسىلەر.

    ئەسلى مەنبە بۇ يەردە

    OghuzKB ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلدى، خاتالىقلار بولۇشى مۇمكىن، قىزىققۇچىلارنىڭ ئەسلى مەنبەگە مۇراجىئەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

    ئىزاھ:

    ماقالىدە تىلغا ئىلىنغان DAAD ئۈچۈن تۆۋەندىكى يازمامغا قاراڭ

    http://achinuq.blogbus.com/logs/84998760.html

    UCA يەنى مەركىزى ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتى بولسا ھەممە دەرىسلەر ئىنگىلىز تىلىدا ئۆتۈلىدىغان ھۆكۈمەت تونۇشلۇقىدىكى خۇسۇسى ئۇنىۋېرسىتېت، تۆۋەندىكى ئادرىسقا قاراڭ

    http://www.ucentralasia.org/curriculum.asp





    قوللىنىش ئادرىسى: